پايدىلىنىش ئۇچۇرى بىكەت ئۇختۇرۇشى ياردەم مەركىزى900 80
  • دوستۇم سودا شەھەرچىمىز رەسمىي ئىچىۋىتىلدى !
  • يوللانغان ۋاقتى : 2015/02/12 يوللىغۇچى : شىنجاڭ دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

«دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» دوستۇم سودا شەھەرچىسى ئاساسىدا 5 مىليۇن مەبلەغ بىلەن رەﺳﻤﯩﻲ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن بۇلۇپ ، شىركىتىىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ، ﺗﻮر ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ، ﺗﻮر پىلانلاش ، ﺗﻮربېكەت لاﻳﯩﮭﯩﻠﻪش ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻳﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜزۈش ، ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮوﻧﻠﯘق ﺳﻮدا ﮬﻪم ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮرى ۋە ﺗﯧﻠﯧﮕﺮاف ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ئاشۇرۇلما قىممەت كەسپى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘر ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻣﯘلازﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯘﻗﯩﺮى پەن- ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪۇر .

نۆۋەتتە بۇ شىركەتتە  تور تېخنىك خادىملىرى 6 نەپەر، تەكشىلىكتە ئېلان لايىھەلەش ۋە بېكەت بېزەش خادىملىرى 8 نەپەر ، باشقا تۈرلەردىن 12 نەپەر خىزمەتچى خادىملار بار . 

شىركىتىمىز ئېلىكترونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بېكەت (دوستۇم سودا شەھەرچىسى ) شىنجاڭدا تۇنجى قىتىم مۇستەقىل يىزىپ 

چىقىلغان ئۇيغۇچە يىزىقتىكى سودا بىكەت سىستىمىسى بولۇپ ، بۇنى ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىدىكى بىر بۆسۈش دەپ ھىساپلاشقا بولىدۇ .


‹‹ دوستۇم سودا شەھەرچىسى ››  ئېلىكترونلۇق سودىنى ئاساس قىلغان سودا سۇپىسى بولۇپ ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، بەت-كۆزنەكلىرىنىڭ كۆركەملىكى ۋە سۈرئەت، تېخنىكا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇرغۇن تور بېكەتلەر ئارىسىدا ئۆزىگە خاس ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلىپ ، بېكەت ئاۋاتلىقى ۋە تەسىر دائىرىسى ئىزچىل ھالدا شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە .


دوستۇم سودا شەھەرچىمىزنىڭ ئۇچۇر مىقدارى كۆپ ، سۈپەتلىك ھەم رەتلىك ، يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېز ، زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بۇلۇشتەك ئەۋزەل ئالاھىدىلىلىكىگە تايىنىپ، ھەرقايسى ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلەرگە تەشۋىقاتتا ئۈنۈملۈك سورۇن ، ئۇچۇر -ئالاقىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ تىجارەتتىكى يارقىن مەيدانغا ئايلاندى .


«دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»  كۆرۈش سەزگۈسى ، تور بېكەت لايىھەلەش ، سېستىما تەرەققىياتى ۋە ئاسىراش ، مەخسۇس مەھسۇلات ئېلان لايىھەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈم يارىتىپ ، ئالدىنقى قاتاردىكى لايىھەلەش كوللىكتىپى بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.  ھەمدە باشتىن-ئاخىرى خېرىدارلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ، ئەڭ توغرىسىنى قىلىپ ، ئەڭ قىممەتلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى . 


شىركەتنىڭ بازارلارنى يولغا قويۇش ۋە تېخنىكىسى ئۆز-ئارا بىرىكىپ كەتكەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىق قىلىش قوشۇنى ، يۇقىرى 

تور تېخنىكا باشقۇرۇش مۇتەخەسىسلىرى، تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرى ، نۇپۇزلۇق بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرى ، نۇپۇزلۇق سېزىم لايىھەلەش ئۇستىلىرى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت كوللىكتىپ قوشۇنىغا ئىگە .

شىركىتىمىز كەڭ خېرىدارلار ئۈچۈن ۋاقىت كۈچ تىجىگەن ئاساستا ، ئەڭ تېز ۋە قولايلىق ھالەتتە سېستىما قۇرۇلمىسى يارىتىدۇ .  

شىركىتىمىز «تۈزۈملەشتۈرۈش ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ، سېستىمىلاشتۇرۇش ، تەرتىپلەشتۈرۈش ، نورماللاشتۇرۇش» ئارقىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى

ۋە مۇلازىمەت تۈزۈلمىسى قۇرۇپ چىقتى . 

شىركىتىمىز توختىماستىن كېڭىيۋاتقان بازارلار تەرەققىياتى بىلەن بىرگە يەنە  شۇ ساھەدىكى ئالاقە تورى كارخانىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كارخانا بۇلۇشقا بەل باغلىدى .


سىز مەيلى مال سېتىۋىلىڭ ياكى دۇكان ئىچىپ ئىگىلىك تىكلەڭ ، دوستۇم سودا شەھەرچىمىز سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سورۇن بولالايدۇ ..



Dostum © 2006

مال يەتكۈزۇش ئۇسۇلى | كىرا ھەققى چۈشەندۈرۈلشى | مال تەكشۈرۈپ ئىلىش | سېتىشتىن كېينكى مۇلازىمەت | مال ئالماشتۇرۇش قايتۇرۇش ئۇسۇلى | بىز ھەققىدە

快递查询
新公网安备 65010202000162号